يېزىقچىلىق قائىدىلىرى

يېزىقچىلىق قائىدىلىرى

ماۋزۇ: 12 سۆزدىن ئاشماسلىقى ، قارا خەت شەكلى ۋە چوڭراق ھەرپلەر بىلەن يېزىلىشى، ماۋزۇ تەرجىمىسى كىچىك ھەرپ بىلەن ماۋززۇنىڭ ئاستىدىكى قۇرغا يېزىلىشى كېرەك . ئەگەر ماقالە لاتىن يېزىقى بىلەن يېزىلمىغان بولسا، ماۋزۇ لاتىن يېزىقىدا يېزىىلىشى ۋە ماۋزۇ چوقۇم تۈركچە ۋە ئېنگىلىزچە يېزىلىشى كېرەك.

ئاپتور ئىسمى: ماۋزۇنىڭ ئو تەرەپ ئاستى قىسمىغا يېزىلىشى كېرەك. ۋەزىپىسى، ئۇنۋانى، خىزمەت ئورنى ۋە ئېلخەت ئادرېسى ئاپتورنىڭ فامىلىسىنىڭ كەينىگە بىر يۇلتۇز بەلگىسىنى قويۇش ئارقىلىق ، باش  بەتتە ئاياق قىسمىدا ئىزاھلىنىشى كېرەك .

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش ۋە ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: قىسقىچە چۈشەندۈرۈش قىسمى ئەڭ ئاز بولغاندا 100 سۆز، كۆپ بولغاندا 200 سۆزدىن ئاشماسلىقى لازىم .ئاچقۇچلۇق سۆزلەر ئەڭ ئاز دېگەندە3 سۆزدىن ، كۆپ بولغاندا 5 سۆزدىن ئاشماسلىقى لازىم. قىسقىچە چۈشەندۈرۈش قىسمىدا مەنبە، پايدىلانمىلار، شەكىل ۋە جەدۋەللەر بولماسلىقى كېرەك .

ماقالە شەكلى: ژۇرنالغا ئەۋەتىلگەن ماقالە مىكرسوفت ۋورد ھۈججىتىدە تەييارلانغان بولۇشى ۋە ماقالىدە (Times New Roman)  (UKIJ Basma توغرا كېلىدۇ ) خەت شەكلىنى قوللىنىش  تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەگەر ئالاھىدە خەت شەكلى قوللانغان بولسېڭىز ماقالە بىلەن بىرلىكتە فونتىنى ئەۋەتىشىڭىز كېرەك .

ماقالىدىكى قىسقارتمىلار   تۈرك تىلى جەمىيىتىنىڭ (TDK) يېزىقچىلىق قوللانمىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك .

ژورنالغا ئەۋەتىلگەن ماقالىلەردە « APA»سېستىمىسىنى قوللىنىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ماقالىدە مەنبە، پايدىلانمىلار تېكست ئىچىدە

      « (Özdemir 2008: 38), ( Günay ve Güngör 2011: 30), (Oğuz vd. 2010: 50)» شەكلىدە كۆرسىتىلىشى كېرەك.

خەت

چوڭلىقى

بەت ئاستى ئىزاھاتى پاراگراف ئارلىقى پاراگراف كىرىشى ئۈستۈنكى  يان بوشلۇقى ئاستىنقى يان بوشلۇقى ئوڭ يان بوشلىقى سول يان بوشلۇقى قۇر ئارلىقى
11_نومۇر 9_ نومۇر 6 1,25 cm 3 cm 3 cm 3 cm 3 cm بىر

پايدىلانمىلارنى ئىزاھلاش: پايدىلانمىلارنى كۆرسەتكەندە بەت ئايىقىدىكى ئىزاھاتتا كۆرسەتمەسلىك كېرەك، يەنى بەت ئايىقىدىكى ئىزاھات پەقەتلا چۈشەنچە بېرىش يۈزىسىدىنلا قوللىنىلىدۇ. ئەگەر ماقالىدە (Özdemir 2008: 16)  ئاپتورنىڭ ئوخشاش بىر يىل ئىچىدە نەشىر قىلىنغان بىر پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى بولغان بولسا (Özdemir 2008a, Özdemir 2008b…) بۇ خىل شەكىلدە كۆرسىتىش ؛ بىردىن ئارتۇق پايدىلانما مەنبەسى بولغان بولسا

(Köprülü 1940, Kaplan 1974, Elçin 1988) شەكىلدە كۆرسىتىش؛ كۆپ ئاپتورلۇق ماقالە بولغان بولسا، بىرىنچى ئاپتورنىڭ ئىسمى بۇ خىل شەكىلدە يېزىلىشى (Kaplan vd. 1975)؛

ئەگەر باشقىلارنىڭ كۆرسەتكەن مەنبەلىرىدىن پايدىلانغان بولسا، بۇ خىل شەكىلدە كۆرسىتىش

 (Raglan 1973, Ekici 1988’den) ؛ ئەگەر ئېغىزچە باياندىن  نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولسا، بايان قىلغۇچىنىڭ  ئىسمى، فامىلىسى، كۆرۈشكەن ۋاقتى ۋە ئورنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك . بىر ئاپتورنىڭ ئوخشاش بىر يىل ئىچىدە نەشىر قىلىنغان بىر پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى پايدىلانما مەنبەسى قىلىنغان بولسا (1980a, 1980b)

شەكلىدە كۆرسىتىلىشى كېرەك .

پايدىلانمىلار: ئەگەر ماقالە لاتىن يېزىقىدا يېزىلمىغان بولسا، مەنبەلەر چوقۇم لاتىن يېزىقىدا يېزىلىشى كېرەك. پايدىلانمىلار ئاپتورلارنىڭ فامىلە ئىسمىنىڭ ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىلىشى كېرەك .

 

بىر ئاپتورلۇق كىتاپ مىسالى

ÖZDEMİR, Nebi (2008), Medya Kültür ve Edebiyat, Ankara: Geleneksel Yayıncılık.

ئىككى  ئاپتورلۇق كىتاپ مىسالى

Günay, Ünver; Güngör, Harun (2011).Türklerin Dinî Tarihi. İstanbul: Rağbet Yayınları.

كۆپ ئاپتورلۇق كىتاپ مىسالى

OĞUZ, M. Öcal vd. (2010), Türk Halk Edebiyatı El Kitabı, Ankara: Grafiker Yayınları.

تەھرىرلىك كىتاپ مىسالى

Türk Lehçeleri Grameri (2012), ed. Ahmet Bican Ercilasun, Ankara: Akçağ Yayınları.

ماقالە مىسالى

BAYRAM, Bülent (2006), “Oğuz Epik Anlatmaları ve Çuvaş Alp Hikayeleri’nde Kutsal Kurt ve Tepegöz”, Türk Dünyası İncelemeleri Dergisi, VI/1, 19-27.

ئىلمىي ماقالە  مىسالى

ÖGER, Adem (2008), Uygur Efsaneleri Üzerine Bir Araştırma (İnceleme-Metinler), Yayımlanmamış Doktora Tezi, İzmir: Ege Üniversitesi Türk Dünyası Araştırmaları Enstitüsü.

Uluslararası Uygur Araştırmaları Dergisi © 2016 Creative Commons Lisansı
Bu eser Creative Commons Atıf-GayriTicari-AynıLisanslaPaylaş 4.0 Uluslararası Lisansı ile lisanslanmıştır.